باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

19-نۆۋەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ ئۆمىكى 3 مىليارد 812 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى

2017.11.22 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ ئۆمىكى 10 تۈردە توختام ئىمزالىدى، پۈتۈشكەن سوممىسى 3 مىليارد 812 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت ياراتتى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئىمزالىغان بۇ 10 تۈردىكى توختام دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش، خىمىيە سانائىتى، گېن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئاساسلىقى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى پەن- تېخنىكا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ياڭزىجياڭ دورىگەرلىك گۇرۇھى ئىمزالىغان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئەلى بابا دۆلەت ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) مۇلازىمەت مەركىزى ئىمزالىغان «ئەلى بابا دۆلەت ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) مۇلازىمەت مەركىزى ۋە سانائەت باغچىسى» تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە، 2016-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ئالدى بىلەن قۇرۇپ چىققان بەش رايون شېنجىن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، سودىگەر جەلپ قىلىپ، ھەمكارلىق سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ھازىرغىچە 24 مۇھىم تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالانغان، سېلىنماقچى بولغان مەبلەغ 13 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر