باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كىروران ئايرودۇرۇمىدىكى تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2017.11.23 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئايروپىلان بېكىتىلگەن نۇقتىسىدا توختىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-نويابىر سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇشنى توغرىلاش مەركىزىنىڭ «B-9300» تىپلىق بىر ئايروپىلانى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كىروران ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى. بۇ، شۇ مەركەزنىڭ چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى توغرىلاپ سىناق قىلىشى.

  تۇنجى قېتىمدا ئۇچۇشنى توغرىلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بۇ ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان قاتناشنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى.

  چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى شىنجاڭدىكى 20-ئايرودۇرۇم، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، بۇنىڭغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 548 مىليون يۈەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ئايرودۇرۇمدا بۇ يىل ئىچىدە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر