- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ساقچىلىرى ئىسكىلاتلاردىكى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈردى
2017.11.23 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىغا قاراشلىق تۆت ئىسكىلات ساقچىخانىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىسكىلاتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى تولۇقمۇ-ئەمەس، ئوت ئۆچۈرۈش سۇ جۈمىكىنىڭ بېسىمى ئۆلچەمگە يېتەمدۇ-يوق، ئىسكىلاتلاردا ئىشلەيدىغانلار ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشنى بىلەمدۇ-يوق، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل كىشىلەر ئۆز ئورنىدا بارمۇ-يوق؟ قاتارلىق تۆت جەھەتتىن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا كىرگۈزۈلىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
سۈرەتتە: ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ ساقچىلىرى ئىسكىلات خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرۈش پومپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر