باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 10 ئايدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىدە قوش ئېشىش بولدى

2017.11.22 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 21-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياكى پېيى كونترول قىلىنغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە پايدىسىدا ئۈزلۈكسىز تېز سۈرئەتتە ئېشىش بولغان، پايدىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كىرىمدىن 9.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى 10 ئايدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 41 تىرىليون 997 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي تەننەرخى 40 تىرىليون 610 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 385 مىليارد 860 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئاشقان.

  مال-مۈلۈك، قەرز قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردىن كۆرۈلۈشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 150 تىرىليون 634 مىليارد 830 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان؛ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 99 تىرىليون 209 مىليارد 930 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشقان.

  كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە رەڭلىك مېتال، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت، نېفىت خىمىيە قاتارلىق كەسىپلەردە ئېرىشىلگەن پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن خېلى كۆپ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر