باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلدى

«26+2» شەھەردىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلدى

2017.11.22 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى خېبىينىڭ لاڭفاڭ شەھىرىدە «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلارنى تۈزەش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا 2017-يىللىق كۈز -قىش پەسىللىك مېتېئورولوگىيە شارائىتى ئومۇمەن پايدىسىز بولۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىلىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. تۈزەش نەق مەيدان يىغىنىدا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانا ۋە توپلارغا قارىتا چوقۇم تەخىرسىز بولۇش كېرەك، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ.

  قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش ساھەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشتە تۇنجى قېتىم «ئالماشتۇرۇپ بېسىم قىلىش» ئەندىزىسى قوللىنىلدى. تەكشۈرۈپ بايقالغان مەسىلىلەر شۇ كۈنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، يەرلىك بۇنىڭغا نومۇر تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىلىپ، نومۇر بىكار قىلىنىدۇ، ھەر بىر مەسىلىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر «26+2» شەھەردىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە كارخانا توپى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر