باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى خەلقىمىز ئىدىيەسىگە سىڭدۈرىمىز

2017.11.22 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 2017-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يىغىن زالى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. بۇ كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلىقىز ئىمىن مۇھەممەت ناھىيەدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگان ۋە يېزا-كەنتلەردىن تەشكىللەنگەن ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىغا ئاۋام خەلققە «پارتىيە 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى قايسى ئۇسۇلدا يەتكۈزگەندە، خەلقنىڭ قەلب تارىسىنى چىكەلەيدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ لېكسىيە ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئاممىغا قۇرۇلتاي روھىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش يوللىرىدىكى نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  بىلىقىز ئىمىن دوكلاتتىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر سۆزنىڭ ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ، مەنىسىنى بىرمۇ بىر يىشىپ چۈشەندۈردى. دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى كۇرسانتلارغا ئەتراپىدىكى ئەمەلىي مىساللار، تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىلگىرىكى بىلەن ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يارقىن، چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك بايان قىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پەنلىرى لىكتورى ئوسمان مۇھەممەت دوكلاتتا ئوتتۇرغا قويۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈشكە دائىر مەسىلىلەردىن ئۆتكەنكى بەش يىلدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا دائىر قانۇن-تۈزۈمگە دائىر قىسمىنى دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئىنتايىن چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك بايان قىلدى. ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلار ئۇلارنىڭ لېكسىيەسىدىن 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن تونۇپ، ئۇنى ئاممىغا تېخىمۇ يارقىن يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.

  قاراقاش بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ئاينۇر غوجىئابدۇللا مۇنداق دېدى: مەن كېسەل داۋالاش خىزمىتىدىن ئىدىيە داۋالاش خىزمىتىگە ئاتلانغىلى 11 ئاي بولدى. بۇ جەرياندا مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خەلقىمىز تەلىم-تەربىيە، تەشۋىق-تەربىيەگە ھەقىقەتەن مۇھتاجكەن. «ھايۋان تۇۋىقىدىن سەمرىسە، ئادەم قۇلىقىدىن سەمرىيدۇ» دېگەندەك، قۇرۇلتاي روھىنى ئاۋام خەلقنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىمكەن. مەن بىلىقىز خانىمنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىزدەك ئىدىيە داۋالاش سېپىدىكىلەر دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى قەلبتىن چىقىرىپ سۆزلىسەك، سۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلارنىڭ قەلبىگە بارىدىغانلىقىنى، ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك تىللىرى بىلەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن سۆزلەپ ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىگە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچالىساق، مۇشۇ ئۇرۇقلار كۆكلەپ، ياخشى ئىدىيە، ياخشى شەكىل، ياخشى ھالەتلەر بىلەن قۇرۇلتاي روھىنى ئامما قەلبىدە نۇر چاچقۇزالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.

  قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرىدىكى ئىمىنباقى رەجەپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى لېكسىيەدىن 19-قۇرۇلتاي روھىغا بولغان تونۇشۇم زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. قانۇن ئىڭىممۇ ئۆستى. مەن تۆۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر بۆلەكلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم خەلقىمىز چۈشىنەلەيدىغان، ئۇقالايدىغان، ئۆز قەلبىگە سىڭدۈرەلەيدىغان دەرىجىدە تەشۋىق قىلىپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى تولۇق ئاقلايمەن.

  قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئازاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇدىلبەر مەمتىمىن مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم يۇقىرنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ، دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغىمۇ ئۆگىنىش جەھەتتە يۇقىرى تەلەپ قويدۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ناھىيەمىزدە يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈپ، رادىيو- تېلېۋىزور، تور، ئۈندىدار قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش جەھەتتىكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزدۇق. 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى پۈتكۈل ئاممىغا ياخشى چۈشەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتە بىز ئالدى بىلەن 111 تەشۋىقات تايانچىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا نېمىنى سۆزلەيمىز؟ قانداق سۆزلەيمىز؟ قانداق شەكىللەر ئارقىلىق لېكسىيەنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرمىز؟ دېگەن مەسىلىلەردە تەربىيەلەش ئېلىپ باردۇق. مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، ناھىيەمىزدە 17 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ناھىيەلىك 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش لېكسىيە ئۆمىكى قۇردۇق. ئۇلار كەنتلەرگە، يېزىلارغا، دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگىچە بېرىپ تەشۋىق قىلىشنى باشلىدى. بىز يەنە ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ ناھىيە رەھبەرلىرى، يېزا رەھبەرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ 19-قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈپ، ئىدىيەنى پەيدىنپەي بىرلىككە كەلتۈرۈۋاتىمىز. پۈتكۈل ئائىلىنى قاپلاش جەھەتتە، كەنتتىكى كادىرلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئائىلىلەرگە كىرىپ يۈزتۇرانە تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن باشلىدۇق. پۈتكۈل ناھىيەمىزدە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى بولغان جامائەت پىكرى ۋە ئىدىيەۋى ئاساس شەكىللەندۈرۋاتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر