باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

يىللىق مائاشى 100 مىڭ يۈەندىن 250 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ، تەشكىلنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرغا ئايلىنالايدۇ

2017.11.23 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)، سانجى ئوبلاستلىق دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سانائەت باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇنجى تۈركۈمدىكى جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىشنى سىناق قىلىشتىكى ئورۇنلار بولۇپ، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇردىن توققۇزنى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇر قوبۇل قىلىشنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولۇپ، 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش، تەن-سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامىنى ئىمزالاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن.

  مەمۇرلارنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمى مەمۇرلار قانۇنىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم بولغان تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، باشقا ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار، تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلار، تاللاپ تەيىنلىنىلىدىغان مەمۇرلاردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا توختام شەكلىدە تەكلىپ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدۇ، دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، مائاشى ۋە باشقا تەمىناتى دۆلەت مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدىغان خىزمەتچى خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تۈزۈم ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر