باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.11.22 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

  تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا ئۆز نامىم بىلەن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇنبەرگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن! «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ قوشتى.

  خەلق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ھەمكارلىققا قاتنىشىش ۋە پۈتۈن دۇنيا ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچى. يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇش يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلئارا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى تىلەيمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2017-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇش يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلئارا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر