باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلانغان ئۈنۈملۈك نوپۇس ئۇچۇرى 1 مىليارد 399 مىليونغا يەتتى

2017.11.23 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-نويابىر جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلۇش تۈرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. بۇ، دۆلەتنىڭ بەش چوڭ ئۇل ئۇچۇر بايلىقى ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇرى ئامبىرىنىڭ ئالدى بىلەن پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  نۆۋەتتە دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇر ئامبىرىدا 13 سانلىق مەلۇمات كۆرسەتكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 399 مىليون ئۈنۈملۈك نوپۇس ئۇچۇرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنىڭ يىغىندا نىسبىتى %100 كە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس ئۇل ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى تۇنجى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇر ئامبىرى ھازىرغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا جايدا تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى تىزىملاش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردىمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى توردىن ئىزدەش قاتارلىق ئاساسىي كەسپىي خىزمىتىدە كەڭ قوللىنىلىپ، 952 مىليون قېتىم تۈرلۈك ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك نوپۇس ئۇل ئۇچۇر ئامبىرى كۆپلىگەن مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ئارا ئورتاق ھەمبەھىرلەش، ئورتاق قۇرۇش تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان دۆلەتلىك ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تۈر دۆلەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورىنى تايانچ قىلىپ تۇرۇپ، ج خ مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنى تولۇق قاپلىغان، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرى بىردىنبىر بەلگە قىلىنىدىغان دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر