قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىنىڭ تېتىما كۆلى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (22- ئۆكتەبىر فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى جەنۇبىي يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭ كورلا شەھىرىگە تۇتۇشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1214 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، 2019-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ. بۇ تۆمۈريول دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايون، بولۇپمۇ چىڭخەي ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە بايلىقىنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى