باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2017.11.22 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  لۇ ۋېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لۇ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي چاۋخۇدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. 1978-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئاسپىرانت، ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنۋانىغا ئىگە، ئالىي مۇخبىر. 2000-يىلىدىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ مۇتەخەسسىس ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان. ئۇ پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  2011-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 4-ئايغىچە، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2013-يىلى 4-ئايدىن 2014-يىلى 5- ئايغىچە، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2014-يىلى 5-ئايدا مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2016-يىلى 6-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر