باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى شياڭگاڭدا يەتتە مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە زايوم تارقاتماقچى

2017.11.23 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2017- يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى شياڭگاڭدا 14 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە زايوم تارقاتماقچى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەتتە مىليارد يۈەنلىك زايوم 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ، قالغان يەتتە مىليارد يۈەنلىك زايوم 11- ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى شۇ ھەپتىدە تارقىتىلماقچى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە،بۇ قېتىم تارقىتىلىدىغان يەتتە مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى زايوم بولسا، شياڭگاڭ قەرز قورالى مەركىزىي ھېسابات سىستېمىسى(CMU)ئارقىلىق، ئاپپاراتلار تەرىپىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار، چەتئەل مەركىزىي بانكىلىرى ۋە يەرلىك پۇل باشقۇرۇش دائىرىلىرى قاتارلىقلارغا يۈزلەنگەن ھالدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ زايوملارنىڭ كونكرېت مۇددەت قۇرۇلمىسى ۋە تارقىتىلىش ۋاقتى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ .

  خەلق پۇلى زايومى تارقىتىلغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ بىرلەشمە بېرژاسىدا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ بازارغا سېلىنىپ بېرژاغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر