باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى

2017.11.23 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا> ناملىق كىتابنىڭ 2-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچە سىياسىيون، نەزەرىيەچىگە خاس چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى بىلەن ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى ۋە ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر