باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا يازغان جاۋاب خېتى ئىچكى موڭغۇلدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

ياشاۋاتقان مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىمىز

2017.11.23 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇچىسىغا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى شىلىنگول ئايمىقى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىدا چەكسىز ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن 360 كىلومېتىر يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىۋاتقان شىلىنگول ئايمىقىنىڭ پارتكوم شۇجىسى لو خۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۈتۈۋاتاتتى. لو خۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى كۆپچىلىككە دەرھال يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنىدى.

  لو خۇ قىسقىغىنا مۇقەددىمە سۆز قىلىپلا كۆپچىلىككە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترەت ئەزالىرىغا يازغان جاۋاب خېتى»نى ئوقۇپ بەردى. جاۋاب خەتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن زالىدا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، بەزى پېشقەدەم ئەترەت ئەزالىرى ھاياجانلىق يېشى تۆكتى. سۇنىد ئوڭ خوشۇنىدىكى ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى مىڭكېجىرگالا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ۋە ئەڭ شەرەپلىك ئىش، شۇنداقلا ئارتىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېرىشكەن ئەڭ ئالىي شەرەپ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلان مۇچىر روھىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەڭگۈ يايلاقتىكى «ئاتلىق ئىنقىلابىي ئەدەبىيات-سەنئەتچى» بولىمىز.شىلىنگول ئايمىقىنىڭ ھەر قايسى خوشۇنلىرىدىن كەلگەن ئۇلان موچىر ئەترىتىنىڭ كونا-يېڭى ئەزالىرى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاتتىق سوغۇق ۋە شامالغا قارىماي شىلىنخوت شەھىرىگە يىغىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلىدى. شىلىنگول ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېڭ يۈجېن خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، ئۇلان مۇچىرنىڭ «ئاز، ساز، بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر، كىچىك، كۆپ خىل، سەرخىل، جانلىق» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ، ئۆزگىچە سەنئەت ئىپادىلەش شەكلىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا شادلىق ۋە مەدەنىيەت ئاتا قىلىمىز.

  كىچىكىدىنلا ئۇلان مۇچىرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، شۇنداقلا ئىلگىرى ئۇلان مۇچىر ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى بىلەن بىرگە ئويۇن قويۇشقا مۇيەسسەر بولغان جۇڭگو تۆمۈريول كۆكخوت ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كارخانا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ياش موڭغۇل ئۇسسۇلچىسى بانەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇلان مۇچىرغا يازغان جاۋاب خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئۇلان مۇچىر سەنئەتكە بولغان چەكسىز ئىشتىياقى بىلەن، 60 يىللىق بوران-چاپقۇننى بېسىپ ئۆتتى. ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يايلاقتىكى ئۇلان مۇچىرغا ئوخشاش پۇختا قەدەم بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر