بۇ، 11- ئاينىڭ 22 - كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى جېبېي دورىگەرلىك كەسپىدىكى ئىشچىلار مەخسۇس سېخ ئىچىدە «مېركاپتو پۇرىن تابلېتكىسى» دورىلىرىنى ساندۇقلارغا قاچىلاپ تېڭىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ جىنىنى قۇتقۇزىدىغان دورا «مېركاپتو پۇرىن تابلېتكىسى» كەمچىل بولىۋاتقان بۇ مەسىلىنى جىددىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، 22- چېسلا جېجياڭ جېبېي دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جىددىي تۈردە ئىشلەپچىقارغان 15مىڭ بوتۇلكا «مېركاپتو پۇرىن تابلېتكىسى» جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېچىڭ ناھىيەسىدىكى مال تارقىتىش ئورنىدىن سىرتلارغا يوللاندى. ئۇ دورا ماللار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى داۋالاش ئورۇنلىرى، دورىگەرلىك شىركەتلىرى ۋە دوختۇرخانىلارغا تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن يېتىپ بېرىپ تەمىنلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى