- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى
2017.11.22 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى خەيئەن ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ھاسىلات نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزىلارنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇھىم نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسى خەيئەن ناھىيەسى يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا رايونى «ئوت ئەجدىھا مېۋىسى»نى ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆزى ئۈزۈپ سېتىۋىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پارنىكنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك كونترول قىلىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 35 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، خەيئەن ناھىيەسى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ھېسابلىنىدۇ.
سۈرەتتە: 21-نويابىر، ئىشچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك تۈرىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر