باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى

2017.11.24 15:05   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ گېللې ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلىتى باشلىقى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق، دوستانە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو جۇڭگو-جىبۇتى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 38 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر باراۋەرلىك ئاساسىدا يېقىن ئۆتۈپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھالەتتە ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيەسى، يەرلىك ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك. بىز جىبۇتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول، پورت، سۇ تەمىنلەش، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ياشلار، ئاياللار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، جىبۇتى بىلەن 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئافرىقا تۇمشۇقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئىجابى رول ئويناشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…
    ·كېلەر ئايدىن باشلاپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا يەسلىدىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى…
    ·2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز…
    ·«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…