باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 81 گە قارشى 97 نەتىجە بىلەن شېنبۇ (شېنياڭ ھەربىي قىسىم) ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى

2017.11.24 16:03   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 81 گە قارشى 97 نەتىجە بىلەن شېنبۇ (شېنياڭ ھەربىي قىسىم) ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى

  22-نويابىر، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دىلارە شېنبۇ (شېنياڭ ھەربىي قىسىم) ئاياللار كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ مۇداپىئەسىدىن بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: ئۇدا ئىككى مەيدان مېھمان كوماندا بولۇپ مۇسابىقىلىشىپ بىر يېڭىش، بىر يېڭىلىش نەتىجىسىگە ئېرىشكەن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 22-نويابىر چۈشتىن كېيىن ئۆز مەيدانىدا كونا رەقىبى شېنبۇ (شېنياڭ ھەربىي قىسىم) ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 81 گە قارشى 97 نەتىجە بىلەن شېنبۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، غەلىبە بىلەن تاماشىبىنلارغا جاۋاپ قايتۇردى.

  پۈتۈن مەيدان سانلىق ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 10نى كىرگۈزگەن، گاردىن قايتقان توپتىن 38نى تارتىۋالغان، بۇ قارشى تەرەپنىڭكىدىن ئايرىم-ئايرىم تۆت قېتىملىق ئۈچ نومۇرلۇق توپ ۋە گاردىن قايتقان توپتىن قايتۇرۇۋالغان 12 توپ ئارتۇق بولغان. بۇمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولغان.

  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تۆت ھەپتە ئايلانما مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى سىچۈەن كوماندىسى ۋە خېيلۇڭجياڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، جياڭسۇ ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ ئالتە نومۇر بىلەن ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىدە ۋاقتىنچە 5-ئورۇندا، شېنبۇ (شېنياڭ ھەربىي قىسىم) ئاياللار كوماندىسى بىر مەيدان ئۇتۇش، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن 11-ئورۇندا تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…
    ·كېلەر ئايدىن باشلاپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا يەسلىدىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى…
    ·2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز…
    ·«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…