باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك

2017.11.28 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ساياھەتچىلىك سىستېمىسىدىكىلەر «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە ئىستىلىنى نامايان قىلدى. ساياھەتچىلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپ بولۇپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى تۇتقاندا ئوخشاش، تۈرلۈك يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھاجەتخانا مەسىلىسى كىچىك ئىش ئەمەس، ئۇ شەھەر، يېزا مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولۇپ، بۇ خىزمەتنى مەنزىرە رايونى، شەھەرلەردىلا چىڭ تۇتۇپ قالماي، يەنە يېزىلاردىمۇ چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 4-ئايدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى تۇرۇش ساياھەتچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، دەپ تەكىتلىگەن. قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس. «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرغانغا ئوخشاش، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ساياھەتچىلىكتىكى مەدەنىي بولمىغان ھەر خىل جاھىل، ناچار ئادەتلەرنى تۈزەش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلارنى كەينى-كەينىدىن تۇتۇپ ئىشلەپ، بىرمۇبىر نەتىجە يارىتىپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر