باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشى ئۆلكىسى «مىڭ ئادەم پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى

كوللىكتىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8 مىليون يۈەن تۈر ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ

2017.11.28 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى ۋە كوللېكتىپنى جياڭشىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، جياڭشى ئۆلكىسى يېقىندا «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە كىرگۈزۈشتىكى <مىڭ ئادەم پىلانى>»نى يولغا قويدى. يۇقىرى قاتلام يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللىكتىپلىرى نامزاتىغا سايلانغۇچىلارغا جياڭشى ئۆلكىسى ھەر بىر كوللىكتىپقا 5 مىليوندىن 8 مىليون يۈەنگىچە تۈر ياردەم مەبلىغى بېرىدۇ.

  جياڭشى ئۆلكىسى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆلكە سىرتى ۋە دۆلەت سىرتىغا يۈزلىنىپ، تەخمىنەن 1000 نەپەر «يۇقىرى قاتلاملىق، ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە قىس بولۇۋاتقان» ئىختىساس ئىگىلىرىنى ۋە تەخمىنەن 100 يۇقىرى قاتلام يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىنى كىرگۈزىدۇ ۋە ئۆلكە ئىچىدە 1000 نەپەر ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغان، گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، جياڭشىنىڭ يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كۈچلۈك ئارقا تىرەككە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر