خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە.
شۇ كۈنى، 2017-يىللىق جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە، شاڭخەي يېشىللىق شېنخۇا كوماندىسى 2:3 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، ئىككى كوماندىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 3:3 بولدى، شاڭخەي يېشىللىق شېنخۇا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا كۆپ توپ كىرگۈزگەنلىكى بىلەن، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى