باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت مۇداپىئەسى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى

2017.11.27 14:18   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت مۇداپىئەسى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بىرما دۆلەت مۇداپىئەسى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بىرما دۆلەت مۇداپىئەسى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات پىلانى بېكىتىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ، يەنە بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن بىرما ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ئەزەلدىن بىرمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىرمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- بىرما ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مىن ئاڭلەي ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرما بىلەن جۇڭگو قوشنا دۆلەت، بىرما جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىغا ۋە بىرما ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ كەلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىرما «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ باشلىقى لى زوچېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…
    ·2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
    ·«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…