سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا، بارلىق خادىملار بىرلىكتە پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتا ئوقۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى «يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى بۇرچ» ئاساسىي تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى 27- نويابىر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا باشلاندى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىكەنلىكىنى، مەملىكەت بويىچە «يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى بۇرچ» ئاساسىي تېمىسىدىكى مۇخبىرلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتەك مۇھىم ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى