خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، لىۋىيەنىڭ تىرىپولىدىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا، كىشىلەر چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنىڭ جەسىتىنى پاراخوتتىن چۈشۈرمەكتە. لىۋىيە دېڭىز ئارمىيەسى قارىمىقىدىكى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 25-نويابىر، لىۋىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغان 31 كىشىنىڭ جەسىتىنى سۈزۈۋالغانلىقىنى ھەمدە تەخمىنەن چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكچى بولغان 200 كىشىنى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى