باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قايسى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ئىشەنچلىك؟

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تىزىملىكنى ئېلان قىلدى

2017.11.27 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى «سۇغۇرتا شىركىتى مۇلازىمىتىنى باھالاش-باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا ئاساسەن، 2017-يىلىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇردى ۋە يېقىندا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىملىق باھالاشنىڭ دائىرىسى قۇرۇلغىنىغا ئۈچ بوغالتىرلىق يىلى بولغان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە جىسمانىي سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مۇلازىمىتىنى باھالاش سىستېمىسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سېتىش، تۆلەم بېرىش، مەھسۇلاتنى چۈشەندۈرۈش، ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق چۆرىدەلگەن ھالدا، مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ۋە جىسمانىي سۇغۇرتىغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم تەسىس قىلىنغان تېلېفون مۇلازىمىتى لىنىيەسىنىڭ ئۇلىنىش نىسبىتى، تۆلەمگە ئېرىشىش نىسبىتى، ئەرزگە بېرىلگەن ئىنكاس نىسبىتى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ باھالىنىپ، شۇ ئاساستا ھالقىلىق مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نۇقتىلىق سەلبىي ئىش-ۋەقەلەرگە ئايرىم-ئايرىم نومۇر قوشۇلدى ۋە ئېلىندى. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى باھالاش نەتىجىسى D,C,B,A تۆت چوڭ تۈر بويىچە 10 دەرىجىگە بۆلۈندى.

  2016-يىلى باھالاشقا قاتناشقان 59 جىسمانىي سۇغۇرتا شىركىتىدىن A دەرىجىلىك باھاغا ئېرىشكىنى 11، B دەرىجىلىك باھاغا ئېرىشكىنى 35، C دەرىجىلىك باھاغا ئېرىشكىنى 12، D دەرىجىلىك باھاغا ئېرىشكىنى 1. بۇنىڭ ئىچىدە، تىنچ ئوكيان جىسمانىي سۇغۇرتىسى (太平洋人寿)، دېخۇا ئەنگۇ (德华安顾) جىسمانىي سۇغۇرتىسى، شىنخۇا جىسمانىي سۇغۇرتىسى، پىڭئەن جىسمانىي سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۆت سۇغۇرتا شىركىتى AA دەرىجىگە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى باھالاشتىكى ئەڭ ياخشىسى بولدى. شىنگۇاڭ خەيخاڭ جىسمانىي سۇغۇرتىسى D دەرىجىگە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى باھالاشتىكى ئەڭ ناچىرى بولۇپ باھالاندى.

  باھالاشقا قاتناشقان 58 مال-مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى ئىچىدە A دەرىجىگە ئېرىشكىنى 10، B دەرىجىگە ئېرىشكىنى 38، C دەرىجىگە ئېرىشكىنى 10. بۇنىڭ ئىچىدە، تىنچ ئوكيان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى، پىڭئەن مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى، خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى، ئەنشىڭ تيەنپىڭ مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى، جىنتەي مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت بەش سۇغۇرتا شىركىتى AA دەرىجىگە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى باھالاشتىكى ئەڭ ياخشىسى بولدى.

  سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ قېتىملىق باھالاش نەتىجىسىنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى نۆۋەتتىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىك سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئىناۋەت سەۋىيەسى ۋە خەۋپ-خەتەر ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر