باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 6- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەم ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زۇڭلىلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى

لى كېچياڭ بۇداپېششىتقا باردى

2017.11.27 15:45   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ بۇداپېششىتقا باردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بۇداپېشىت لىسېت خەلقئارا ئايروپورتىغا كەلدى. لى كېچياڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ ھەم ۋېنگىرىيەدە رەسىمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان كابېنت ئەزالىرىنى باشلاپ ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى. لې كېچياڭ ئايروپىلان شوتىسى بىلەن چۈشتى، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىزغىن ئەھۋاللاشتى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تارتىپ تۇردى، ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى لې كېچياڭ زۇڭلىغا گۈل تەقدىم قىلىپ قارشى ئالدى. جۇڭگونىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۈەن جيېلۇڭ قاتارلىقلارمۇ ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…
    ·2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
    ·«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…
    ·كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…