- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى
2017.11.27 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خې يىتىڭ ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى توشىخىرو نىكائى، ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىنوئۇئې يوشىكۇ ۋە ئىقتىساد ئۆمىكى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى خارا جو قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر، دوستلۇق ئۆمەكلىرى، ئاساسلىق تاراتقۇلار ۋە ئاقىللار ئامبىرى شۇنداقلا ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلارغا 19-قۇرۇلتاي روھىنى مەخسۇس تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 19-قۇرۇلتاي ئەھۋالى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا ياپونىيە تەرەپ بىلەن چوڭقۇر پىكىرلەشتى.
ياپونىيە ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، 19-قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر