باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئالاقە تورى كېلىشىمى 6-نۇسخىسى (IPv6)نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.11.27 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئالاقە تورى كېلىشىمى 6-نۇسخىسى (IPv6)نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئالاقە تورى كېلىشىمى 6-نۇسخىسى (IPv6)نى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بۇ ھەرىكەت پىلانى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى كېلىشىمى 6-نۇسخىسى (IPv6) (تۆۋەندە « IPv6 كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرمىسى» دەپ قىسقارتىلدى) ئاساس قىلغان كېيىنكى ئەۋلات ئالاقە تورى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىدا تەدرىجىي ئۆزگەرتىشكە، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ساغلام بولىشىغا، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىرۇگراممىسى»، «دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى پىرۇگراممىسى»، « <13-بەش يىل>دىكى دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»غا ئاساسەن تۈزۈلدى.

  بىرىنچى، مۇھىم ئەھمىيىتى

  ئالاقە تورى خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەسى، ئۇ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى، مەنپەئەت ئەندىزىسى بىلەن خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى IPv6 نى خېلى بالدۇر سىناق قىلغان ۋە ئەمەلىي قوللانغان دۆلەت، تېخنىكا يارىتىش، تور قۇرۇلۇشى، ئەمەلىي قوللىنىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى بىلەن شارائىتىنى ھاسىل قىلدى. دۇنيا بويىچە تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەم ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنىڭ تېزلىشىشى، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ تېز ئالغا بېسىشى، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، « IPv6 كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئومۇملىشىشى كەڭ دائىرلىك، قاپلىنىشى تولۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولغان كېيىنكى ئەۋلات ئالاقە تورىنى بەرپا قىلىش – كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەلگۈسى خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تەخىرسىز تەلىپىدۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر