باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەشنى تەلەپ قىلدى

2017.11.27 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- نويابىر كەچتە بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى نۆۋەتتە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارخىپى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش ھەمدە ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەش تەلەپ قىلىنغان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى رايونلار ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ باغچا شارائىتلىرى، بىخەتەرلىك سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارخىپى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى بەرپا قىلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىپ نازارەت قىلىش، ئاشخانا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئۈسكۈنە ئەسلىھەلىرى ئەمەلىيلەشمىگەن، ئىشلىتىش قېلىپلاشمىغانلىرىنى دەرھال تۈزەتتى.

  ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، ھەر قايسى رايونلار ئۆز رايونى ئىچىدىكى ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەپ، بالىلار باغچىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بالىلار باغچىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر قايسى رايونلار يەنە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئائىلە-باغچا ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاتا-ئانىلار ۋە مەھەللىلەرنى باغچا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا يېتەكلىشى ھەمدە بالىلار باغچىلىرىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى 26-نويابىر شەھەردىكى بالىلار مائارىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، بالىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىنى ھۆرمەت قىلىش، بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كەسپىي دىيانىتى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شەھەر بويىچە بالىلار مائارىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تەلەپچان بولۇشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق نامۇۋاپىق قىلمىشلارغا جەڭ ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر