باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىلىنىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2017.11.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ساقچى تەرەپ 25-نويابىر كەچتە قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بالىلارنى گۇمانىي خورلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىلىنغان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى توختىتىپ قويۇلدى.

  بېيجىڭ ساقچى تەرەپ 25-نويابىر كەچتە ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، چاۋياڭ رايونى قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىدىكى بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى دىلو مەلۇم قىلىپ، بالىسىنىڭ يەسلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چاۋياڭ ساقچى تەرەپ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋەقەگە چېتىشلىق بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ فامىلىلىك (ئايال، 22 ياشلىق، خېبېي ئۆلكىسىدىن) باشقۇرۇلغۇچىنى خورلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دىلونى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر