باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ماھىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: چوڭ دۆلەت ھۆنەرۋەنلىرىدىن بولۇش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2017.11.24 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-نويابىر جۇڭنەنخەيدە دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن جۇڭگو ماھىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. ئۇ: جۇڭگو ياسىمىچىلىقى ۋە مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى بىر ئەۋلاد ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى زىممىسىگە ئالىدىغان تەڭداشسىز بۇرچى، دېدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھۆنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ، زور تۆھپە يارىتالايدۇ.

  لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 44-نۆۋەتلىك ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى گوۋۇيۈەننىڭ كىچىك زالىغا كەلدى. لى كېچياڭ ماھىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى، ئۇلارنى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي بۆسۈشلەرنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر ساھە ھەر قايسى كەسىپنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىدە تارىخىي بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر