باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ ئۆلكىنىڭ 2018-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى باشلاندى

بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلىنىدۇ

2017.11.27 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاياغلاشتى، ھازىر شاڭخەي، جېجياڭ، بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جايلارنىڭ 2018-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2018-يىللىق ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

  دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى دەپ ئاتىلىدىغان مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىشقا نىسبەتەن نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىشىنى بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى دەپ ئاتايدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «بېيجىڭ شەھىرى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ 2018-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» بويىچە، 2018-يىللىق بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 9دىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 17 گىچە بولۇپ، ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلىنىدۇ.

  «بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2018-يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى 2095 ئورۇنغا 4272 كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، 2017-يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىزمەت ئورنىدىن 41ى، قوبۇل قىلىدىغان مەمۇردىن 750ى كېمەيگەن.

  كونكرېت خىزمەت ئورنىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا پەقەت 2018-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىلا قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىدىن 699ى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى تەلەپ قىلىنمايدىغان خىزمەت ئورنىدىن 630ى باركەن، بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تىزىملىتالايدىكەن، ئومۇمىي خىزمەت ئورنىنىڭ %63.44نى ئىگىلەيدىكەن.

  بېيجىڭلىق ئەمەس شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى مۇشۇ قاراردا پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ قېتىملىق بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى «985» قۇرۇلۇشى، «211» قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئورنىغا «قوش ئەلا» ئالىي مەكتەپلەرنى ئالماشتۇرغان. چوقۇم «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكىدىكى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر (مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان تىزىملىك ئۆلچەم قىلىنىدۇ) دائىرىسىدىكى بېيجىڭ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش تارىخى مەزگىلىدە مەكتەپ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئىلغار ئوقۇغۇچى كادىر» ياكى بىرىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى»غا ئېرىشكەن تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئۇدا كىچىكلىگەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، 6857 مەمۇر قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %80 ئېشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان. 2017-يىللىق بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا 2136 خىزمەت ئورنىغا 5022 كىشى قوبۇل قىلغان، 2018-يىللىق بېيجىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا مەمۇر قوبۇل قىلىش سانى 4272گە چۈشۈپ قالغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر