باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېيدە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېببىي خادىملارغا كىرىم كۆرسەتكۈچى بېكىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىندى

2017.11.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسىدە يېقىندا «زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېببىي خادىملارغا كىرىم كۆرسەتكۈچى بەلگىلەپ بېرىشى قەتئىي مەنئى قىلىندى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار تېببىي خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى دورا، تازىلىق ماتېرىياللىرى، دىياگنوز قويۇش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسپىي كىرىملەر بىلەن باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  «لايىھە»گە ئاساسەن، خېبېيدە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ: ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى تۈر ئىش ھەققى، كېلىشىم مائاشى، ئىش ھەققى تۈزۈمى قاتارلىق تەقسىمات شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يولغا قويىدۇ؛ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئاساسىي قاتلام ۋە چەت، يىراق نامرات رايونلارغا ئىختىساسلىقلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ بېرىشى كېرەك؛ شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دوختۇرلىرى مەسئۇل ۋىراچ ۋە كانىدات مەسئۇل ۋىراچ ئۇنۋانى ئېلىشتىن ئاۋال، چوقۇم ئاساسىي قاتلامغا ياكى نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، كەم دېگەندە بىر يىل مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىشتات ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىشتاتى ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدا ئوخشاش ئىش مائاش، ئوخشاش تەمىنات بولۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم؛ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تېببىي خادىملارغا كىرىم كۆرسەتكۈچى بېكىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار تېببىي خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى دورا، تازىلىق ماتېرىياللىرى، دىياگنوز قويۇش، خىمىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسپىي كىرىملەر بىلەن باغلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  خېبېيدە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش نىشان قىلىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھە تۈزۈش، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىنىڭ ۋاقتى 2020-يىلى 1- ئايدىن 12-ئايغىچە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر