باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگولۇق ئىككى ئالىم فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2017.11.24 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2017-يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 21-نويابىر پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. فىرانسىيەدە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگولۇق ئالىم ما شياۋنەن بىلەن پېڭ لىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە بىيو-خىمىيە تەتقىقات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم «سوفىيە گېرمان مۇكاپاتى» ۋە «ليون لابېر دوكتور مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بۇ ئىككى مۇكاپاتنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگولۇق ئالىملارغا بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ما شياۋنەن 1998-يىلى فىرانسىيە پارىژ جەنۇبىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەدە ئون نەچچە يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. نۆۋەتتە ئۇ فىرانسىيە 7-ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروففېسسورى ھەم شۇنداقلا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى «چاڭجياڭ ئالىملار مۇكاپاتى پىلانى»نىڭ لېكسىيە پىروففېسسورى.

  پېڭ لىڭ 2008-يىلى فىرانسىيە دۆلەت پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىلىغا تەكلىپ قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇ فىرانسىيە مارسېيل نانو ئىلمى پەن ھالقىغان تەتقىقات مەركىزى مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروففېسسورى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر