باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ئىستۇدېنتلار تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن قوللاشقا ئېرىشىدۇ

2017.11.24 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىشىپ «ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بازار مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، «پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان ئىستۇدېنتلار شۇ جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش دائىرىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، نوپۇسقا ئېلىش، ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى يۈرۈشلەشكەن قوللاشقا ئېرىشىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تۈرلىرى بارغانسىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللىشىپ، ئاساسىي قاتلام ئىستۇدېنتلىرى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ئوبېيكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر