باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەلق گېزىتى» ئابۇنتلار تېرمىنالى «نامراتلارنى يۆلەش تۈرى تاللا بازىرى»نى تەسىس قىلدى

«نامراتلارنى يۆلەش تورى» ئابۇنتلار تېرمىنالى تورغا چىقىرىلدى

2017.11.24 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق گېزىتى «نامراتلارنى يۆلەش تورى» ئابۇنتلار تېرمىنالى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى تورغا چىقىرىلدى.

  «خەلق گېزىتى»نىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ تورغا چىقىرىش مۇراسىمىگە قاتناشتى.

  «نامراتلارنى يۆلەش تورى» ئابۇنتلار تېرمىنالى «خەلق گېزىتى» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، نۆۋەتتىكى نامرات رايونلاردا ئاھالىلەرنىڭ تارقاق، قاتنىشى قولايسىز، ياردەم بەرگۈچى بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرى سىممېتىرىك بولماسلىق قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش «دەردى»گە قارىتا، ئۇچۇر بىلەن نامراتلارنى يۆلەشتىكى بىۋاسىتە ئۇسۇل يولغا قويۇلدى، ھەمدە «نامراتلارنى يۆلەش تۈرى تاللا بازىرى» بەرپا قىلىندى. نۆۋەتتە، «نامراتلارنى يۆلەش تورى»دا ئابۇنتلار تېرمىنالى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، دېلو مىسالى ۋە ۋىدىئو قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق گېزىتى جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش تەجرىبىسىنى تارقىتىش، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بۇ جەھەتتە، بىرىنچىدىن، پۈتكۈل جەمئىيەت نامراتلارغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىش؛ ئىككىنچىدىن، نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەجرىبىسىنى تارقىتىش؛ ئۈچىنچىدىن، نامراتلارنى يۆلەشتىكى بىرىنچى سەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن، بىرلەشمە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سۇپىسىنى ياساش كېرەكلىكى ھەمىشە تەكىتلەندى. «نامراتلارنى يۆلەش تورى» ئابۇنتلار تېرمىنالى ۋە تور بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بولسا، «خەلق گېزىتى» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە ئۇچۇر بىلەن نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدۇر .

  «خەلق گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنشىڭ تېرمىنالنى تورغا چىقىرىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. «خەلق گېزىتى»نىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى، باش كاتىپى چىياۋ يۇڭچىڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شيولوڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما شۈنچىڭ، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جېڭ ۋېنكەي ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇياش نۇرى كەيدى يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر