باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇس تىزىملاشتا بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ

(سىياسەت يەشمىسى • ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا نەزەر)

2017.11.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 12-ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا «نوپۇسسىزلارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. نوپۇس تىزىملاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇشنى ياخشى ئىشلەشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىز 13 مىليون 964 مىڭ نوپۇسسىز كىشىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نوپۇسسىزلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىشى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە تەلتۆكۈس ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇش كۆرسىتىلدى. قانداق قىلغاندا قانۇن بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە دائىملىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا نوپۇسسىزلارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ سىياسىتى بىلەن بىر تۇتاش ئويلىشىپ ماس ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  يىتۈپ كەتكىلى 20 يىل بولغان نوپۇس 10 كۈندە بېجىرىلىپ چىقتى

  نەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جياڭنەن شۆبە ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ خەييەن ساقچىخانىنىڭ نوپۇس كۆزنىكىدە 10 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، دائىم ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: پىكىر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەسلىھەت سورايدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى. كۆپچىلىك نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  فاڭ شيۇليەن بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەنىدى، ئۇ 1993-يىلى يولدىشىغا ئەگىشىپ گۇاڭدۇڭغا كەلگەندە نوپۇس كۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن؛ ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەر قايتا نوپۇسقا ئالدۇرغاندىمۇ ئۇنى ھېسابقا ئالمىغاچقا ئۇنىڭ نوپۇسى مۇشۇنداق يوقاپ كەتتى. جيېدۇڭ بىلەن نەننىڭنىڭ ئارىلىقى 1000 كىلومېتىر كېلەتتى، قاتناش قولايسىز، تەننەرخ يۇقىرى، تەرتىپ مۇرەككەپ بولغاچقا ئۇ يۇرتىغا قايتىپ نوپۇسىنى ئىزدىمىدى.

  نوپۇسى بولمىغانلىق تۈپەيلى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغان فاڭ شيۇليەن مۇنداق دېدى: ئەڭ تەس بولغىنى كېسەل كۆرسىتىش، ئاتچوت قىلدۇرغىلى بولمىغاچقا ھەممىسىنى ئۆزۈم تۆلەيتتىم. كىملىك بولمىسا پويىزغىمۇ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن، سىرتلارغا چىقىشمۇ ئىنتايىن قىيىن. ھېلىمۇ ياخشى ساقچىلار يېزىلارغا بېرىپ نوپۇس سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپتۇ، ئۆيدىكىلەر بۇ خەۋەرنى دەرھال ماڭا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن جياڭنەن رايونلۇق سۇشۈ ساقچىخانىسىغا بېرىپ ماتېرىياللارنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئون كۈندىلا نوپۇسنى قولۇمغا ئالدىم. ئاڭلىسام يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سۈرئىتى بەك تېزكەن، كىملىكىم چىققاندىن كېيىن چوقۇم ئولتۇرۇپ سىناپ باقىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر