باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي روھىنى خىزمەتلىرىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

2017.11.27 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى. كۆپچىلىك پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن لوپ ناھىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر، 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ھەر بىر دېھقان ئاممىغىچە يەتكۈزۈش، ھەر بىر دېھقاننىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ناھىيەلىك پارتكوم ناھىيەدىكى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى يىغىپ مەخسۇس كۇرس ئىچىپ تەربىيەلىدى، بۇ جەرياندا تەشۋىقاتچىلارنىڭ 19-قۇرۇلتاي روھىنى كەڭ خەلققە يەتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  لوپ ناھىيەسى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرچە رادىيو دىكتورى گۈلنۇر روزى مۇنداق دېدى: مەن 19-قۇرۇلتاي روھىنى ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپتە ۋە ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشىدىكى كۇرستا ئۆگىنىش جەريانىدا قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى، رولىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. يولداش شى جىنپىڭ ئوتتۇرغا قويغان دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. مەن پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئاۋامغا يەتكۈزىدىغان بىر تەشۋىقاتچى ھەم بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە 19-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

  لوپ ناھىيەسى لوپ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت غوجىئابدۇللا مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندىم ھەم بۇنىڭغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ مول ئىجادىي تەپەككۇرۇمنى يۈرگۈزۈپ چىقتىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسى دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنتايىن مۇھىم بىر قېتىملىق ئاقىلانە ئىدىيە. بولۇپمۇ «ئىككى 100 يىللىق نىشان»نىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى جۇڭگونى باي، قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان، خەلق باي-باياشادلىققا تولغان ھەقىقىي قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئېتىقادىنى چېڭىتىش، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىغا، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.

  لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىنىڭ تامچىلا كەنتى ئېنتېرنېت تورى، تېلېۋىزىيە، گېزىت، يانفون APP قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرىنى يىغىپ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەمدە تەسىرات يازدى. كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توختىتۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا خىزمەتلىرىمىزگە ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، كەنتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  لوپ ناھىيەسىدىكى يەككە سودا-سانائەتچى مۇرادىلجان مەتروزى مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. قۇرۇلتايدا بىزدەك يەككە تىجارەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. مەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمگە 19-قۇرۇلتاي روھىنى تولۇق يەتكۈزۈپلا قالماي، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.

  چارىباغ يېزىسىنىڭ جايتوغراق كەنتىدىكى كالا باقمىچىلىق كەسپى ئائىلىسى ئابلىمىت توختى مۇنداق دېدى: مەن 20 تۇياقتىن ئارتۇق كالا بېقىپ، يىللىق كىرىمىمنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بىز دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. مەن دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئائىلە باقمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىمنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر