خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇداپېشتتا 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى ئۇچىدا بولۇپ، ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، مۇناسىۋەت ئاساسى مۇستەھكەم. «16+1 ھەمكارلىقى» جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت بىلەن ئورتاق قۇرغان ھەمكارلىق سۇپىسى، ئاسىيا-ياۋروپا دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئىجادىيىتى، تەرەققىيات كەلگۈسى پارلاق. «16+1 ھەمكارلىقى» كارخانىنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت ئىلگىرى سۈرۈش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئورتاق قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «16+1 ھەمكارلىقى» ئاسىيا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە پايدىلىق تولۇقلىمىسى، ئۇ ئاسىيا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولى قاتارلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ، بىرىكىشچانلىقى چوڭقۇر، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ۋە ئەشيا-ئوبوروت زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى