باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى

2017.11.27 16:01   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 23- كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۈرەتتە: سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، گېللىنى قارشى ئالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 23- كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ گېللې ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلىتى باشلىقى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق، دوستانە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو جۇڭگو- جىبۇتى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 38 يىلدىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر باراۋەرلىك ئاساسىدا يېقىن ئۆتۈپ، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر- بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، پارتىيەسى، يەرلىك ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قوللىشى كېرەك. بىز جىبۇتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، جىبۇتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول، پورت، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ياشلار، ئاياللار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو جىبۇتىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، جىبۇتى بىلەن 2030- يىلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى، ئافرىقا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئافرىقا تۇمشۇقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  گېللې مۇنداق دېدى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دۆلىتى باشلىقى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىمەن. گېللې يەنە مۇنداق دېدى: جىبۇتى جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى، جۇڭگونى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەم كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى دەپ قارايدۇ، مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە راۋاجلانغانلىقىدىن رازى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جىبۇتىغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت. جىبۇتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. جىبۇتى جۇڭگونىڭ ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش ھەرىكىتى ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللەپ راۋاجلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان، ھەتتا ئۆزى نامرات، ئارقىدا قالغان چاغدىمۇ ئافرىقىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جىبۇتى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ، جىبۇتى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىكى تېگىشلىك ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردى، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم سىياسەت، فاڭجېن ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلدى. بىزنىڭ ئۆزىمىز تاللىغان تەرەققىيات يولىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو باشتىن- ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەيدۇ. تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بېرىشىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، توغرا ئەدەپ- مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەڭگۈ سەمىمىي دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى بولىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىللە شاھىت بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا گېللې ئۈچۈن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جۈەنچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لو فۇخې قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭ قىزىل-سېرىق-كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسىنىڭ بىر مۇئەللىمى بالىلارنى خورلىغان دەپ گۇمان قىل…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەسئۇل مائارىپ مۇپەتتىشى سەپلەشنى تەلەپ قىل…
    ·مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياردەم …
    ·گەنسۇدا نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تاكى ئالىي كەسپىي مائارىپ باسقۇچىغىچە بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەقل…
    ·2017- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 21- چېسلا ئېلان قىلىنىدۇ
    ·«تور مائارىپى»نىڭ بازار كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانلىرىنى باھالاش ھوقۇقى ئالىي مەكتەپلەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈلدى 
    ·ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇ…
    ·بالىلار بالىلىق چاغلىرىدىلا تەربىيەلەنسە ئاندىن كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چوقۇم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى…