باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىققەت دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پەن-تېخنىكىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئالتە چوڭ تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

2017.11.28 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى 27- نويابىر، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەللىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بېيجىڭ مولېكۇلا ئىلمى قاتارلىق ئالتە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى بولسا چوڭ ئىلىم-پەن دەۋرىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان پەنلەرنىڭ گىرەلىشىش تىپىدىكى دۆلەت پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بولۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىدىن جەمئىي ئالتىسى بولۇپ، بېيجىڭ مولېكۇلا ئىلمى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خىمىيە تەتقىقات ئورنىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ)؛ ۋۇخەن فوتوئېلېكتىر دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ)؛ بېيجىڭ قېتىشما ھالىتى فىزىكىسى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ)؛ بېيجىڭ ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ)؛ شېنياڭ ماتېرىيال پەنلىرى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېتال تەتقىقات ئورنىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ)؛ خېفېي مىكرو ئۆلچەملىك ماددا ئىلمى دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى (جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تايىنىپ قۇرۇلىدۇ) قاتارلىقلار بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر