باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ داشىڭدا يۈز بەرگەن «18-نويابىر» ئوت ئاپىتى ئېلېكتىر سىم يولىدا كاشىلا كۆرۈلۈشتىن كېلىپ چىققان

2017.11.28 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 27-نويابىر بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدىكى «18-نويابىر» ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى سىرتقا قارىتا ئېلان قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى ئارقىلىق، بېيجىڭ داشىڭدىكى «18-نويابىر» ئوت ئاپىتىنىڭ قەستەن ئوت قويۇش گۇمانى يوققا چىقىرىلىپ، ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ پولىئۇرېتان ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى ئېلېكتىر سىم يولىدا كاشىلا كۆرۈلۈشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلاندى. فەن فامىلىلىك قاتارلىق 20 كىشى زور جاۋاپكارلىق ۋەقەسىگە چېتىلىش جىنايىتى بىلەن داشىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى، داشىڭ رايونى شىخۇڭمېن بازىرى شىنجيەن 2- كەنتىدىكى شەخسلەر ئۆزى سېلىۋالغان بىر ئۆيگە ئوت كېتىپ، زور كۆلەمدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىقتى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دەرھال بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوت كەتكەن ئورۇننىڭ يەر ئاستى ئوتتۇرا قىسمىدىكى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ جەنۇبىي تېمىدا بولۇپ، ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ پولىئۇرېتان ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرى ئىچىدىكى ئېلېكتىر سىم يولىدا كاشىلا كۆرۈلۈشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلاندى.

  نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى بېكىتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر