باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلچە، ئېلىمىزدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 900 مىليونغا يەتتى

2017.11.28 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات» تا كۆرسىتىلىشچە، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمەن تەكشى بولۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى 2373 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 122 يۈەن، %5.4 ئاشقان؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى فوندى چىقىم نىسبىتى %80، ئاھالىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى فوندى چىقىم نىسبىتى %70 ئەتراپىدا بولغان؛ مەملىكەت بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى 1051 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 91 يۈەن، %9.5 ئاشقان. باشقا تۈرلۈك تەمىناتلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇرىۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2016-يىلى، ئېلىمىزدىكى جايلار ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، تىزىملاش پىلانىنى سىجىل ھەم كۈچەپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئاساسىدا دەل جايىدا باشقۇرۇش، قاتنىشىش دائىرىسىنى دەل جايىدا كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەش تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن بىردەك سەل ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 887 مىليون 770 مىڭ كىشى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، 743 مىليون 920 مىڭ كىشى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرغان شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 218 مىليون 890 مىڭ كىشى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا، 180 مىليون 890 مىڭ كىشى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا، 184 مىليون 510 مىڭ كىشى پىلانلىق تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە بەزى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپكارلار ۋە بەزى كىچىك، مىكرى كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، قىسمەن ئامما كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمەسلىك، ئىشتا يارىلىنىش، پىلانلىق تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش» يېڭى تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشى بويىچە تىزىملاش خىزمىتى نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كەسىپكارلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ. يەنە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى كارخانىلىرىنىڭ ئشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھەممە ئادەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش» نىشان، ۋزىپىسىنى تىرىشىپ بالدۇر ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر