باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى 2017- يىلى ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2017.11.28 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش خىزمىتى يىل بېشىدا باشلىنىپ، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ئىلىم تەشكىلاتى نامىنى ئاتاش ۋە ئاكادېمىكلار نامىنى ئاتاشتىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق، 533 كۈچكە ئىگە نامزاتنىڭ نامىنى ئاتالدى. 6-ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش بويىچە 1- قېتىملىق باھالاش يىغىنى ئېچىلىپ، سايلاش ئارقىلىق 2-قېتىملىق باھالاشقا كىرىدىغان 205 نامزات ۋۇجۇدقا كەلدى. 1- قېتىملىق باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نامزاتلارنىڭ ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش ۋە ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار خىزمەتلەر تەشكىللىنىپ قانات يايدۇرۇلدى ھەم 2- قېتىملىق باھالاشقا كىرگەن نامزاتلار مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇلدى. 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە، ئاكادېمىكلارنى كۆپەيتىپ سايلاش بويىچە 2- قېتىملىق باھالاش ۋە سايلاش يىغىنى ئېچىلدى، ھەر قايسى ئىلىم يۇرتلىرى سايلاش ۋە ئاكادېمىيەدىكى بارلىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا ئاخىرقى تاللاش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، يېڭىدىن 67 ئاكادېمىك سايلاپ چىقىلدى.

  يېڭىدىن سايلانغان 67 ئاكادېمىكنىڭ 63 سى ئەر بولۇپ، %94 نى ئىگىلىگەن؛ 4سى ئايال كىشى بولۇپ، %6 نى ئىگىلىگەن. ئەڭ كىچىكى 49 ياش، ئەڭ چوڭى 67 ياش، ئوتتۇرىچە يېشى 56.37 ياش. 60ياش(60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن تۆۋەنلەر 57 كىشى بولۇپ، %85 نى ئىگىلىگەن؛61ياشتىن 70ياش(70 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قىچە بولغانلار 10 كىشى ، %15 نى ئىگىلىگەن، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ۋە ياش قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى سايلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر