باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگۈەنسۈن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا تۈرتكە بولىدىغان توپنىڭ كۆلىمى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ

2017.11.27 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگۈەنسۈن ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى يېقىندا جۇڭگۈەنسۈن كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاياغلاشتى، مۇسابىقە 50 كۈن داۋاملاشتى، يەتتە ساھەدە 21 مەيدان كوچا كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلىپ، جەمئىي 14 ئەلا سۈپەتلىك تۈر تاللاپ چىقىلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، «جۇڭگۈەنسۈن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگۈەنسۈننىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىي كۆلىمىنىڭ 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى، تۈرتكە بولىدىغان كەسىپلەر توپىنىڭ كۆلىمى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى، تۇنجى قەدەمدە خەلقئارالىق رىقابەت كۈچى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلەر توپىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر