باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16 دۆلەت نەشرىيات ئاپپاراتى دۆلىتىمىز بىلەن ئەسلەتمە ئىمزالىدى

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى بىرلىكتە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىدۇ

2017.11.28 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-نويابىر 16 دۆلەتنىڭ داڭلىق نەشرىيات ئاپپاراتلىرى جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى چەتئەل يېزىقى نەشرىياتى بىلەن بېيجىڭدا« شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى خەلقئارا ھەمكارلىقى تەرجىمە نەشر ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنى بىرلىكتە بۇ دۆلەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلماقچى بولدى.

  بۇ 16 دۆلەت ــ ئىتالىيە، پولشا، ئۇكرائىنا، ئالبانىيە، رومىنىيە، كېنىيە، تاجىكىستان، ۋىيېتنام، پاكىستان، بېنگال، كامبودژا، لائوس، موڭغۇلىيە، نېپال، سىرلانكا ۋە ئافغانىستان.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) بىلەن مەركىزى كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەتئەل يېزىقى ئىدارىسى تەھرىرلىگەن« شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا»دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە نۇسخىسى چەتئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدەك ئۇلۇغ ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەندى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان جۇڭگو ئەقىل پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى تولۇق نامايەن قىلىندى، بۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە 19-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىگەللەشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تومىنىڭ نەشر قىلىپ تارقىتىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە كەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە،«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا »دېگەن كىتابنىڭ بىرىنچى تومى 24 خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ، يەر شارىدا 6مىليون 600مىڭ پارچىدىن كۆپرەك تارقىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر