باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«قىزىل كېمە روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭايلى

2017.12.05 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ”ئىلاۋە“

  2005- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەينى ۋاقىتتا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ «نۇر گېزىتى»دە «<قىزىل كېمە روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، قىزىل كېمە روھىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي روھىنى شەرھلىگەن. 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 31- كۈنى يەنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغىنىغا بىر ھەپتە بولغان كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەي ۋە جېجياڭنىڭ جياشىڭغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي بىلەن جياشىڭدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇش تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىنى بىلدۈردى.

  قىزىل كېمە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ روھى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدۇ. قىزىل كېمە روھىنىڭ نامايان قىلىدىغىنى مەڭگۈ ئۆچمەس روھنىڭ ئابىدىسى. بۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ مۇھىم ماقالىسىنى قايتا ئېلان قىلىشىمىزدىكى مەقسەت: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل كېمە روھىنى قايتا ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە- ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش.

  1921- يىلى 8- ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كېمىدە غەلىبىلىك يېپىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى تەنتەنىلىك جاكارلاندى. بۇ ساياھەت كېمىسى شۇ ۋەجىدىن جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب تارىخىغا مەڭگۈ پۈتۈلگەن نام − قىزىل كېمە دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  قىزىل كېمە جۇڭگو تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقەگە شاھىت بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب مەنبەسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. قىزىل كېمە خەلقنىڭ، بولۇپمۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئېھتىرامىغا ئىزچىل مۇيەسسەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «1- قۇرۇلتىيى»نىڭ ۋەكىلى يولداش دۇڭ بىۋۇ ئىككى قېتىم نەنخۇ كۆلىنى زىيارەت قىلىپ، ئىلھاملىنىپ شېئىر يازغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پارتىيەمىز ۋۇجۇدقا كەلگەن جايغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر بولسا قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، بىر بولسا ئۆز قەلىمى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ، بىزنى «نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە ئېچىپ بەرگەن ئىنقىلاب يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش»كە رىغبەتلەندۈردى. مەن 2002- يىلى 10- ئايدا جېجياڭدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن، چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسىدا ئالايىتەن جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىگە كېلىپ، قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي روھ تەربىيەسى ئالدىم. بۇ يىل چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى نەنخۇ كۆلىگە كېلىپ قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتى مەزگىلىدە نەچچە ئونمىڭلىغان كومپارتىيە ئەزاسى ۋەتىنىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدىن نەنخۇ كۆلىگە كېلىپ، كۆرگەزمە كۆرۈپ، پارتىيە دەرسى ئاڭلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ، مەخسۇس فىلىم كۆرۈپ، قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. جياشىڭ شەھىرى «روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ئىدىيەنى يۈكسەلدۈرۈش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «قىزىل كېمە روھى»نى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  قىزىل كېمە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ روھى كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدۇ. قىزىل كېمە دەۋر يۈكسەكلىكىگە، تەرەققىيات يۆنىلىشىگە، ئىلگىرىلەشتىكى ماياكقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى نامايان قىلىدۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە تىكلەيدۇ. «قىزىل كېمە» روھى جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ شانلىق مۇساپىسىگە ھەمراھ بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ- خەتەرلەردىن غالىب كېلىش، يېڭى غەلىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى ئورتاق يارىتىدۇ. 80 نەچچە يىلدىن بۇيان، «قىزىل كېمە روھى» پارتىيەمىزنى تارىخىي يۈكسەكلىكتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن رولچى بولۇپ، كېمە يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ يېڭى- يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.

  «قىزىل كېمە روھى» − پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ مەنبەسى

  بىر چوڭ پارتىيە بىر كىچىك كېمىدە ۋۇجۇدقا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب كېمىسىنى ھەيدەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر ئېچىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلىدى. ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى ئۇلۇغ ئىنقىلاب روھىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. «قىزىل كېمە روھى» دەل جۇڭگو ئىنقىلابىي روھىنىڭ مەنبەسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىختا شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئەنئەنە بىلەن ئىنقىلاب روھى ئارىسىدا بىۋاسىتە مەنبەلىك مۇناسىۋەت بار. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇش سۈپىتىدە، مۇشۇ قىزىل كېمىدە يەلكەن چىقىرىپ ئىلگىرىلەپ، باشتىن- ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭگو تارىخىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رول ئوينىدى. خۇددى پارتىيە 16- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق كۆرسىتىلگىنىدەك، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا قاراشتا «تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى رولىغا قاراش كېرەك». قىزىل كېمە دەل دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ سىمۋولى، «قىزىل كېمە روھى» بولسا دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ مەنبەسىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل كېمىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بويلاپ، يېڭى دەۋر ئېچىپ، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىجادىي روھ بىلەن باشتىن- ئاخىر تارىخ ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا تۇردى. 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىكى كونا جۇڭگو يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە ھالەتتىكى جەمئىيەت ئىدى. «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»نىڭ توپ ئاۋازى بىزگە ماركسىزم- لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى، «4- ماي» ھەرىكىتىدە ئىشچىلار سىنىپى سىياسىي سەھنىگە چىقتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈش بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەشتەك تارىخىي بۇرچقا ئۇيغۇنلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تارىخىدا يېپيېڭى بىر بەت ئېچىلدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە» دەپ ئاتىغان. يولداش دۇڭ بىۋۇ كونا جاينى قايتا زىيارەت قىلغاندا قولىغا قەلەم ئېلىپ: «تۇمانلىق راۋاق ئىچرە ئىنقىلاب نۇرى چاقنىغان، مۇشۇ يەردىن ئۇچقۇنلار ھەر تەرەپكە يامرىغان؛ ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى ئۇشبۇ زېمىن، كەڭ جاھان، گۈلدۈرماما ساداسىدىن ئۆزگەرمەكتە كەڭ جاھان.» دېگەن مىسرالارنى يازغان. نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە تۇتاشتۇرغان ئۇچقۇن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يانغىنىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆت ئەتراپقا يامراپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. پارتىيەمىز مۇشۇ يەردىن جىڭگاڭشەنگە چىقتى، يەنئەنگە باردى، شىبەيپوغا باردى، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ھەم ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەگە ئايلاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل كېمىنىڭ يەلكىنىنى چىقىرىپ، غايىنى مۇستەھكەملەپ، ئېگىلمەس- سۇنماس كۈرەش قىلىش روھى بىلەن ئىرادىسىدىن قايتماي، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم نەزەرىيەسى بىلەن قوراللانغان ئىلغار پارتىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابى مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادقا ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى تىرەككە ئىگە بولدى. دەھشەتلىك دولقۇنلار ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرىدىغان ئىنقىلاب قاينىمىدا قىزىل كېمە دېڭىز دولقۇنلىرىدا ئۆرلىدى، كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەينى چاغدا پارتىيە «1- قۇرۇلتىيى» ئاق تېررورلۇق ئىچىدە ئېچىلىپ، شاڭخەيدىن جياشىڭغا يۆتكىلىپ، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بۇرچىنى تاماملىغاندا، تايانغىنى مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس ئىنقىلاب روھى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيەمىز ئۇزاق مەزگىللىك مۇشەققەتلىك كۈرەش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، خەۋپ- خەتەردىن قورقماي، قاتتىق سىناقلارغا ئۇچرىسىمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتە، تايانغىنى يەنىلا مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس ئىنقىلابىي روھ بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بوران- چاپقۇنغا قارىماي، شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىللاردىن قورقۇپ قالماي، ئۆزىنىڭ غايە- ئېتىقادىنى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەملەپ، بارلىق دۈشمەن، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن ئىرادىسىدىن قايتماي، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى چوڭ كېمىسىنى دولقۇن يېرىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل كېمىدىكى ئارزۇسى بويىچە ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بىلەن، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى تىرىشىپ قوغدىدى، ئەمەلگە ئاشۇردى، تەرەققىي قىلدۇردى. «ياڭرىدى سەيلە كېمىسىدىن ئىنقىلاب ساداسى، ۋۇجۇدقا كەلگەچ كومپارتىيە، شادلاندى ئىشچى- دېھقان ئاممىسى». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئەسلا شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىمىدى، ئەكسىچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەشنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلدى. ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش پارتىيەمىزنىڭ باشقا ھەرقانداق پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. ئەمەلىيەتكە ماسلىشىپ ئىش كۆرۈش، خەلققە سادىق بولۇش جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭگەن قىزىل سىزىققا، شۇنداقلا «قىزىل كېمە روھى»نىڭ ماھىيىتىگە ئايلاندى. خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە ۋە يۈكسەك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش توغرىسىدا تەربىيە بەردى ھەم ئۇلارنى قوزغاپ ۋە يېتەكلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز قوغدىدى، ئەمەلگە ئاشۇردى، تەرەققىي قىلدۇردى.

  يېڭى دەۋر ئېچىش، ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىجادكارلىق روھى، مۇستەھكەم غايە، ئېگىلمەس- سۇنماس كۈرەش قىلىش روھى، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە سادىق بولۇشتەك خالىس تۆھپە قوشۇش روھى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ روھىي مەنبەسى، شۇنداقلا «قىزىل كېمە روھى»نىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى. بىز «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ئۇلۇغۋار بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاشتا چوقۇم پارتىيەمىزنىڭ «ئانا كېمىسى»نى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلاپ، قىزىل كېمىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى قايتا ئەسلەپ، «قىزىل كېمە روھى»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش داۋامىدا پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچىسى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.

  «قىزىل كېمە روھى» پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

  يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتا دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە ئاتلاندى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاشتا ھەم يېڭى تەلەپلەرگە، ھەم يېڭى سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز. يېڭى ۋەزىيەتتە «قىزىل كېمە روھى»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى تاماملاشتا ئىنتايىن مۇھىم نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «قىزىل كېمە روھى» بىزنى دەۋر ئاساسىي تېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى، دادىل ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەشتەك بۇ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالنى ئىگىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. تەرەققىيات ھازىرقى دەۋرنىڭ بىر چوڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. ھازىرقى دۇنيا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدىمۇ كۆپلىگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. «قىزىل كېمە روھى» بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇساپىسىدە بىز مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىقىمىز، كېمىگە بەلگە سېلىپ شەمشەر ئىزدىمەسلىكىمىز، چوقۇم دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك. يېڭى خىرىس، يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز «قىزىل كېمە روھى»دا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالدىنقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىغا قانائەت قىلىپ، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمەسلىك ئىدىيەۋى قارىشىنى ئاڭلىق يېڭىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەۋى قارىشى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  «قىزىل كېمە روھى» بىزنى كوممۇنىزم غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەردىن قورقماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈك. جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كېمىسى دەھشەتلىك دولقۇندا قىرغاققا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇساپىسىمۇ ئوخشاشلا ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئالدىنقىلار ئەسلا قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇلۇغۋار ئىش، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك بۇ ئۇزاق مۇساپە قاتمۇ قات قىيىنچىلىق ۋە تۈرلۈك خەۋپ- خەتەرلەرگە تولغان. «قىزىل كېمە روھى» بىزگە كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدەپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىمىز ۋە پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچى ئالدىدا، مۇستەھكەم غايە ۋە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئېتىقاد، جاپاغا چىدايدىغان، ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان روھىي ھالەت ۋە جاپالىق كۈرەش قىلىش، قەيسەرانە ئېلىشىش ئىستىلى بولمىسا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قاتمۇقات قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ- خەتەر ۋە خىرس ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولمايدۇ. «قىزىل كېمە» روھىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى، گۈللەنگەندە خارابلىشىشنى ئويلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايىسى ۋە نەزەرى بىلەن دۇنيانى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جاپا- مۇشەققەتتىن قورقماي، قەتئىي بوشاشماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

  «قىزىل كېمە روھى» بىزنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، بىر نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئەخلاق كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئۈندەيدۇ. ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتىدە پارتىيەمىز ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن تارتىپلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ۋەزىپە، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلدى. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان سىياسىي پەزىلىتى ۋە يۈكسەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەخلاقى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم. «قىزىل كېمە روھى» بىزگە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇناسىۋىتى كېمە بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ، «سۇ ھەم كېمىنى لەيلىتەلەيدۇ، ھەم چۆكتۈرەلەيدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى ئۇقتۇردى. ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا پارتىيەمىز دەل «قىزىل كېمە روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئاممىنى تولۇق قوزغاپ ھەم ئۇلارغا مەھكەم تايىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ھەم ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەگە ئايلانغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قوش سىنىقىنى بېشىدىن كەچۈردى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش- ساقلىيالماسلىق، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش- مۇستەھكەملىيەلمەسلىك تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، ئاممىنىڭ پارتىيەگە ئىشىنىشى ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىشىغا باغلىق، شۇنداقلا بۇ يەنە پارتىيەمىزنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈپ تەلىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە، پارتىيەمىزنىڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش- ئىشلىيەلمەسلىكىگە باغلىق. بىز «ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەش»تەك سەمىمىي تەربىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قىزىل كېمە» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتى ھەممىدىن ئەلا، دېگەن سىياسىي پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا پايدىلىق ھەقىقىي نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك.

  يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا «قىزىل كېمە روھى»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش

  «قىزىل كېمە روھى» پارتىيەمىز قۇرۇلغان مەزگىلدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۆز ئىلغارلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تارىخىي دەلىلى. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەنلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس، بىر ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولمىغىنىغا ئوخشاش، «قىزىل كېمە روھى»مۇ كونكرېت، تارىخىي بولىدۇ. بىز «قىزىل كېمە روھى»نى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتقاندىلا، «قىزىل كېمە روھى»نىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسىنى تۈپتىن ئىگىلەش بىلەن بىللە، يەنە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ چىن مەنىسىنىمۇ ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  قىزىل كېمىنىڭ جېجياڭدىن يولغا چىقىشى ھەم تارىخىي تاسادىپىيلىق، ھەم تارىخىي مۇقەررەرلىك. بۇ، جېجياڭنىڭ شەرىپى، شۇنداقلا جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى روھىي كۈچ مەنبەسى. بىز جېجياڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئەمەلىيەت جەريانىدا «قىزىل كېمە روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇشتا ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيەسى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، غايە يەلكىنىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ قوش پالىقىنى ئۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قايناملىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ جېجياڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە ئالدىدا مېڭىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى نۇقتىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جېجياڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ كۆرسەتمە، «سەككىز جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇش جېجياڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى. بىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، كونكرېتلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىشكە، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادنى تەكشى، مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تەشەببۇسكار بولۇش ھالىتىمىز بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر- يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى»نى ھەل قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، «تىنچ جېجياڭ»نى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش پارتىيەمىز بۈگۈنكى دەۋر ئىجتىمائىي ئەمەلىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەبىرى. جېجياڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش جەھەتتە خېلى ياخشى شارائىتقا ئىگە. بولۇپمۇ «تىنچ جېجياڭ» قۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى جېجياڭ ئۆلكىمىزنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشىغا خىزمەت ئاساسى سېلىپ، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بىز «تىنچ جېجياڭ» قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگوچە، دەۋر ۋە جېجياڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىناق جەمئىيەتنى پائال بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جېجياڭ» قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى قانۇنچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جېجياڭنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ھاسىل قىلىدىغان يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئەقلىي مەدەت ۋە مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. «ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل بولۇشقا ئېتىبار بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، جامائەت قاتنىشىدىغان ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ياخشى ئىجتىمائىي تەرتىپ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك قۇرۇلۇش. كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، «ئالدىدا مېڭىش» تەلىپىنى ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پىلانلىغاندا «ئالدىدا مېڭىش» ئېڭى بولۇش، ئۆگىنىش، سەپەرۋەر قىلىشتا «ئالدىدا مېڭىش» مەزمۇنى بولۇش، تەھلىل قىلىش، باھالاشتا «ئالدىدا مېڭىش» ئۆلچىمى بولۇش، تەرتىپكە سېلىش، ياخشىلاشتا «ئالدىدا مېڭىش» تەلىپى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئۆلكىمىزنىڭ ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇشقا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ساپا قۇرۇلۇشىغا، خەلقنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان رازىمەنلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قانداق قىلىپ «ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش غايە- ئېتىقاد مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى چۆرىدەپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش، نەتىجە باھالاش، ھەم چىقالايدىغان، ھەم «چۈشەلەيدىغان» بولۇش، باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، نەتىجە قازىنىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چۆرىدەپ، قانداق قىلىپ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  قىسقىسى، بىز يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا «قىزىل كېمە روھى»غا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «قىزىل كېمە روھى»نىڭ تۈرتكىسى ۋە ئىلھامى ئاستىدا، ئالدىدا مېڭىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئالدىدا مېڭىش» تەلىپىنى روھىي قىياپىتىمىزدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆلچەش ئۆلچىمىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تىرىشىپ پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- نويابىر تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر