باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى خامچوت كۆرسەتكۈچىدىن ئالتە مىليارد 960 مىليون يۈەن چۈشۈردى

2017.12.05 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018-يىللىق مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى خامچوت كۆرسەتكۈچىدىن ئالتە مىليارد 960 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە ۋاقتىدا غەلىبە قىلىشىغا مەدەت بەردى.

  بۇ خامچوت كۆرسەتكۈچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىللىق بەش مىليارد 720 مىليون يۈەن مەركەز مالىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن %21 كۆپەيگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىللىق ئۈچ مىليارد 420 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى خامچوت كۆرسەتكۈچىدىن %103 ئاشقان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، مەركەز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئۇدا كۆپەيتكەن، بولۇپمۇ بۇ قېتىم نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، كۆك نامرات رايونلارغا ئېتىبار بېرىشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس پۇلنى ئىككى مىليارد 790 مىليون يۈەن دەپ بېكىتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر