خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 12-ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 111گە قارشى 114 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەيۋىسىنى قايتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇشى ۋە شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا تۆت مەيدان يېڭىشىنى ئاخىرلاشتۇردى.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گاردىن قايتقان توپنى تالىشىشتىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى، يەنى 34كە قارشى 40 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇردى. شەخسىي سانلىق نەتىجە تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئادامىس 34 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ، 11 پاس بېرىشتەك نەتىجە ياراتتى. يۈ چاڭدۇڭ 19 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ، سۈن توڭلىن 13 نومۇر، گاردىن قايتقان سەككىز توپنى ئالدى. لى گېن ئەڭ ئاخىرقى بىر چارەك مۇسابىقىدە 18 نومۇر، پۈتۈن مۇسابىقىدە 23 نومۇر ئالدى. شەندۇڭ كوماندىسىدىن بەشەيلەن ئىككى خانىلىق نومۇر ئالدى. دىڭيەن يۈخاڭ 23 نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپ، بەش پاس بېرىشتەك نەتىجە ئالدى. لارسون ئالتە قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئۇ مۇسابىقىدە 26 نومۇر، گاردىن قايتقان ئىككى توپ، بەش پاس بېرىشتەك نەتىجە ئالدى. موتې يۇناس 21 نومۇر، گاردىن قايتقان 10 توپنى ئالدى. تاۋ خەنلىن ۋە جياڭ چېڭ ئايرىم-ئايرىم 15 نومۇر ۋە 11 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنىرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىلاتچې مەيدانغا چىقالمىدى، شۇڭا ئومۇمىي كۈچ جەھەتتىن بىز پايدىسىز ئورۇندا تۇردۇق. يېقىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ھالىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلدى، بىزمۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن شۇنىڭغا قارىتا قاراتمىلىق تەييارلىق قىلدۇق. بۈگۈنكى مۇسابىقىدە، ماھىرلار ئالدىنقى ئۈچ چارەك مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنى كونترول قىلىۋالدى، تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىدە، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىرلا چەت ئەللىك ئەزاسى مەيداندىكى چاغدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئىسپاتلىدۇق. بۈگۈن ماھىرلىرىمىزنىڭ گاردىن قايتقان توپنى ئېلىشتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، ھۇجۇم جەھەتتە، ھەممەيلەن تولۇق ھۇجۇم قىلدى. گەرچە مۇسابىقە جەريانى قىيىن بولغان بولسىمۇ، بىراق بىز مۇسابىقىدە ئۆزگەرتىش قىلالىدۇق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى