باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ باج ئىسلاھاتى-يەر شارى كاپىتالىنىڭ ئامېرىكىغا قايتىشىغا سەۋەب بولامدۇ-يوق؟

2017.12.05 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىرامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نەتىجە سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ باج نىسبىتى زور كۆلەمدە چۈشۈپ، باج ئېلىش تۈزۈلمىسىدە خېلى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئەڭ مۇھىم ئىستېمال بازىرى، مەبلەغ سېلىش مەنزىلى بولغان ئامېرىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك باج ئىسلاھاتىنىڭ يەر شارى دائىرىسىدە پۇل مۇئامىلە ۋە كەسىپ كاپىتالىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئامېرىكىغا قايتىشىغا سەۋەب بولۇش-بولماسلىقى-تاشقى ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان تېمىغا ئايلاندى.

  ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ئايدا ماقۇللىغان باج ئازايتىش قانۇن لايىھەسىدىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى 2-نويابىر سەھەردە 51 ئاۋازنىڭ قۇۋۋەتلىشى، 49 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئۆز نۇسخىسىدىكى باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىنى تەسلىكتە ماقۇللىدى، كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرى ئىككى نۇسخىدىكى ئوخشىمىغان جايلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پات ئارىدا تەڭشەش ھەققىدىكى مۈشكۈل كېڭىشىشنى باشلايدۇ. نۆۋەتتە، ئىككى پالاتانىڭ نۇسخىلىرىدا نۇرغۇن تەپسىلاتتا زور ئىختىلاپ بار، مەسىلەن: شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ دەرىجىسىنى تەڭشەش، ئەدلىيە بېجىنى ئازايتىشنىڭ يولغا قويۇش ۋاقتى، باج ئېلىشتىكى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر دېگەندەك.

  ئىختىلاپ ئۈستىدىكى كېڭىشىش ناھايىتى جاپالىق بولۇشى مۇمكىن، كېڭەشكەندىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن نۇسخا يەنە ئايرىم-ئايرىم ئىككى پالاتانىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلۇشى شەرت، ئىككى پالاتا ئاۋاز قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىنلا، ئاندىن زۇڭتۇڭنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يۇقىرى قاتلىمى بۇ يىل روژدېستۋا بايرىمىدىن بۇرۇن باج ئىسلاھاتى قانۇنىنى چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن تەھلىلچىلەر كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە سۈرۈلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ دېدى.

  باج ئىسلاھاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىككى پالاتانىڭ نۇسخىسىدا بايلارغا بەكرەك يان بېسىلدى. ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى باج سىياسىتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، يۇقىرى كىرىملىك ئائىلىلەر بۇ قېتىمقى باج ئازايتىشنىڭ كۆپ قىسىم پايدىسىغا ئېرىشىدىكەن. شۇڭا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى ئامېرىكىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

  خەلقئارادىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى-ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ باج ئېلىش تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجى %35 تىن %20 كە چۈشىدۇ. بۇندىن باشقا، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار نۆۋەتتە باجدىن قېچىپ بېسىپ قويغان چەتئەللەردىكى ئىككى تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پايدىسىنىڭ پەقەت بىر قېتىمدا تاپشۇرىدىغان %14 ىلا قانۇنلۇق ھالدا ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا نۆۋەتتە يەر شارى باج ئېلىش تۈزۈلمىسىنى تەۋەلىكىدە باج ئېلىش تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىپ، چەتئەللەردىكى بالا شىركەتلىرىنىڭ پاي ئۆسۈمى تاپاۋىتىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارغا قارىتىلغان %20 لىك ئىجرا بېجىنى كۆپەيتىپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى شۆبە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سودىسى ئارقىلىق باجدىن قېچىشىنى توسىدۇ. بۇ يېڭى باج تۈرى خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىگە زەربە بېرىپ، دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار كەسپىنىڭ ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى توسۇشى مۇمكىن.

  باج ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسى نەچچە يۈز بەت قېلىنلىقتا بولۇپ، بەك مۇرەككەپ، تەھلىل ئاپپاراتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ باج ئىسلاھاتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلىسى ۋە سانائەت كاپىتالىنىڭ ئايلىنىشىغا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر نېمە دېيەلمەي: ئاددىي يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ قارىدى.

  بىرىنچىدىن، گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى باجنى كېمەيتىش كارخانىلارنىڭ سېلىنمىسىنى كېڭەيتىشىگە، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا پايدىلىق دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادشۇناسلار ئاگاھلاندۇرۇپ: تېخىمۇ تۆۋەن بولغان باج نىسبىتى كارخانىلارنىڭ سېلىنمىسىنى زورايتالمايدۇ، كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا سېلىشى ياكى پايدا ئېلىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدا يەتكۈزەلىشى ناتايىن دېدى.

  گەرچە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ نامدىكى باج نىسبىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تۈرلۈك توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە باجدىكى يوچۇقلار تۈپەيلى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي باج نىسبىتى ئاران 18.1 پىرسەنت بولۇپ، ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ئىتالىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ 19.4 پىرسەنتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، باجنى كېمەيتىش كارخانىلارنىڭ ھازىرقى مەبلەغ سېلىشىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم.

  ئىككىنچىدىن، باشقا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باج نىسبىتى بىلەن ئاددىيلا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلىغى باج نىسبىتى تۆۋەن دۆلەتلەرگە ئېقىپ كەتتى دەپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، چۈنكى باج نىسبىتى پەقەتلا كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭدىن باشقا بازار كۆلىمى، تەمىنات زەنجىرى، كەسىپ توپى، تىجارەت مۇھىتى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇھىتى، ماكرولۇق سىياسەت قاتارلىق ئامىللارمۇ بار.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى باج ئىسلاھاتى ئەندىشە قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى دېگەندىن كۆرە باج ئېلىش ئاساسىنى تالىشىش دېگەن ياخشى، ھەم باجنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى باج تاپشۇرمايدىغان خەلقئارا سودىنى ئامېرىكىنىڭ باج تاپشۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگىلى ھەم باج پىشاڭى ئارقىلىق كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنى ئامېرىكىدا قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ.

  بى ماۋېي بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاۋام پالاتاسىنىڭ باج ئىسلاھاتى نۇسخىسىنىڭ يەرشارى باج تۈزۈلمىسى بىلەن ماسلىشىشى ھەمدە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان خىرىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ناۋادا بۇ نۇسخىدىكى قانۇن لايىھەسى قانۇنغا ئايلانسا، ھازىرقى نۇرغۇن ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك باج كېلىشىملىرىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بولۇپمۇ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچىيىۋاتقان سىپىرلىق ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، خەلقئارا باجنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى كۈنسېرى كەسكىن بولماقتا. خەلقئارادىكى باج يوچۇقى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنى باجدىن قېچىشقا قىستىماقتا، رىقابەتلىشىپ باجنى كېمەيتىش ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيەسىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشى، باج ئاساسىنى تالىشىش قوش باج يىغىش، تەمىنات زەنجىرىنى بۇرمىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا باج مەسىلىسى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى كۆپ تەرەپلىك مەسىلە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر